ي خ ھ ت تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ي خ ھ ت) تروكياسى ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

214226
ي خ ھ ت تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دائىرىسىدە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تروكياسىنى تەشكىل قىلغان شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە ۋە سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆزئارا يىغىن چاقىرىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋىجا داجىچ، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدىئېر بۇرخالتېر ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر ستېئىنمېئىېر ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بارلىق تەرەپلەرنى «دۈشمەنلىك قىلىشنى توختىتىپ، مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش» قا چاقىردى.

مىنىستىرلار ئۇكرائىنادىكى زورىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن باياناتىدا، پۇقرالار ياشاۋاتقان رايونلاردا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئەسكىرىي پائالىيەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر