مىسىردا 3 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئەلقائىدە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، يوق ھالىتىدە سوتلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ 3 نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەلقائىدە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، يوق ھالىتىدە سوتلىنىۋاتقان 4 قاچقۇننىڭ ئۈچىنى ئۆلۈم جازاسىغا، بىرىنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر 4 كىشىنى «ئەلقائىدەگە ئەزا بولۇش، تەشكىلات ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلاش» دېگەندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە يەنە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ «مىسىردا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سادىر قىلىش ئۈچۈن، مەركىزى دۆلەت سىرتىغا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى، ئەلقائىدە مەسئۇللىرى بىلەن سىنادىكى قوراللىق كۈچلەرگە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئەلچىخانىلىرىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىپلوماتىك مەركەزلەرگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719155190)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.