شىمالىي كورىيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

213889
شىمالىي كورىيە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيەنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلىش پائالىيىتى ياش پىرېزىدېنت كىمجوڭئۇنمۇ كۆزدىن كۆچۈردى.
شىمالىي كورىيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ياش پىرېزىدېنت كىمجوڭئۇنمۇ كۆزدىن كۆچۈرگەن سىناقنىڭ ئىنتايىن غەلىبىلىك بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە «يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا شىمالىي كورىيەنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋە ئۆتكۈر ئەقلىي كۈچىنىڭ نامايەندىسىدۇر» دېيىلدى.
باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «Kh-35» تىپلىق بومبىغا ئۇخشاپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا شىمالىي كورىيەنىڭ «ئەگەر ئامېرىكا ئورتاق مانىرۋېرنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، بىزمۇ يادرو سىاقلىرىمىزنى توڭلىتىپ قويىمىز» دېگەن تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مانىۋېرلىرىنى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو سىناقلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
شىمالىي كورىيە بولسا، بۇ ئورتاق مانىۋېرنىڭ رايوندىكى يېرىكچىلىكلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر