خىتايدىكى ئوت ئاپىتىدە 17 كىشى ئۆلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى «يىۋۇ» ناملىق چوڭ سودا ساراينىڭ 4 – قەۋىتىگە جايلاشقان مال ئامبارى ۋە كېنو زاللىرى جايلاشقان قىسمىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتتى.

212850
خىتايدىكى ئوت ئاپىتىدە 17 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ، 17 كىشى ئۆلدى.
خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 17 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خۇيدۇڭ يىزىسىدىكى «يىۋۇ» ناملىق چوڭ سودا سارىيىنىڭ 4 – قەۋىتىگە جايلاشقان مال ئامبارىغا ۋە كېنو زاللىرى جايلاشقان قىسمىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە تىرىشىشى نەتىجىسىدە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە 17 كىشى ئۆلگەن.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى، بىراق نېمە ئۈچۈن ئوت كەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
بىنادا قاپسېلىپ قالغان 10 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى ۋە بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر