بايدىن بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتز، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تۇكس بىلەن كۆرۈشىدۇ.
بايدىننىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، رۇسىيەگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان سىياسەت، ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
زىيارەتتە، رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى، ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك ۋە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
بايدىن، بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىپ، مىيۇنخېن بىخەتەرلىك كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719154228)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.