لىۋىيەدە بىر نېفىت بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

لىۋىيەدە بىر نېفىت بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 16 ئەسكەر ئۆلدى.

210959
لىۋىيەدە بىر نېفىت بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە سالاھيىتى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر، لىۋىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان ئەل مەبرۇك نېفىت بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
توبرۇك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھافتېرگە تەۋە كىشىلەر ھەم ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ھەمدە تىرابلۇس ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق لىۋىيە شەپىقى ھەرىكىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلماقتا، ئاخىرقى توقۇنۇشلاردا 16 ئەسكەر ئۆلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى لىۋىيەدە دەرنا شەھىرىنى، فەززان رايونىنى ۋە تىرابلۇسنىڭ غەربىنى تىزگىنلەپ تۇرماقتا. ھۇجۇم نىشانلىرىنى نېفىت بازىلىرىغا بۇرىغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى، دەرناغا يېقىن جايدا ھافتېرگە قاراشلىق قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. لىۋىيەنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىمۇ سالاھىيىتى نامەلۇم بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر، ئەل مەبرۇك نېفىت بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
فىرانسىيە نېفىت شىركەتلىرىگە تەۋە نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى خىزمەتلەر بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئالدىنقى ئاي توختىتىپ قويۇلغانىدى. بۇ شىركەتلەر نېفىت بازىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇنىڭدىن سىرت، لىۋىيە شەپىقى ھەرىكىتىگە قاراشلىق كۈچلەر ئەل سىدرا نېفىت بازىسىغا يېقىن جايدا ھافتېرنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 5 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. توقۇنۇشلاردا 38 ئەسكەر يارىلاندى.
لىۋىيە شەپىقى ھەرىكىتى ئەس سىدەر بىلەن راف لانۇف نېفىت پورتلىرىنىمۇ توبرۇك ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ھافتېرغا قاراشلىق قىسىملار لىۋىيە شەپىقى ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر