كۈرتلەر ئى ش ئى د قا قارشى قايتىدىن ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارلانماقتا

كۈرتلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى قايتىدىن ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارلانماقتا.

207647
كۈرتلەر ئى ش ئى د قا قارشى قايتىدىن ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە كوبانىدىن دائېش/ ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنى قوغلاپ چىقارغان كۈرتلەر، تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى يېزىلارنىمۇ قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر دۈشەنبە كۈنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا 27 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ 9ى كوبانى ۋە ئەتراپىدا يۈز بەردى. بۇ ئارىلىقتا ئوباما ھاكىمىيىتى 2015-يىللىق راسخوتىدا دائېش/ ئى ش ئى د قا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن 8مىليارد 800 مىليون دوللار ئاجراتتى.
بۇ راسخوتنىڭ 5 مىليارد 300 مىليونى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ، 3 يېرىم مىليارد دوللىرى بولسا سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېش/ ئى ش ئى د قا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈچلەرنى قوللاش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى زىللاندىيەنى زىيارەت قىلغان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ ھېمىند، يېڭى زىللاندىيەنى دائېش/ ئى ش ئى د قا قارشى ئۇرۇش سېپىغا قاتنىشىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر