ئۇكرائىنا كىشىلەرنى ئەسكەرلىككە چاقىرىشقا باشلىدى

ئۇكرائىنادا يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن باشلانغان توقۇنۇشلار دېبالتسېۋو شەھىرىگە مەركەزلەشتى.

207012
ئۇكرائىنا  كىشىلەرنى ئەسكەرلىككە چاقىرىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەپەرەسلەر لۇھانسىك بىلەن دونېتسىك ئارىسىدا كارىدور ئېچىش ئۈچۈن دېبالتسېۋو شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. كىيېۋ ھۆكۈمىتى بولسا، رايونغا زاپاس قىسىملار ئەۋەتتى. دۆلەت مىقياسى بويىچە ئەسكەرلىككە چاقىرىش باشلاندى. ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 28 ئەسكەر بىلەن 17 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان رايوندا ، بومباردىمان ئۈزۈكسىز داۋاملاشتى. خەلق سۇ، توك ۋە يېقىلغۇ بولمىغان شەھەردىن قېچىشقا باشلىدى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا – رۇسىيە – ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنى، بىرلىك ھاسىل قىلىنماستىن ئاخىرلاشقان ئىدى. تەرەپلەر مىنسىكتىن ئايرىلىش ئالدىدا، يىغىننىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى توغرىسىدا بىر – بىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر