ناتو باش كاتىپى 2014 – يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ دوكلاتىدا 2014 – يىلغا «قارا يىل» دەپ باھا بەردى.

203377
ناتو باش كاتىپى 2014 – يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ 2014 – يىللىق دوكلاتىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە رۇسىيەنىڭ رۇسىيەپەرەسلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى. ئۇ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق قانۇننى ھېچنىمىگە تەڭ قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ، موسكۋا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋالدا رايوندا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە مىيۇنخىن خەۋپسىزلىك كونفېرانسى دائىرىسىدە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. 2017 – يىلىغىچە داۋاملىشىشى پەرەز قىلىنغان «تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ئۈچۈن بىلىم پىروگراممىسى» دائىرىسىدە، كىيېۋغا 10 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىنىدۇ.
ستولتېنبېرگ دوكلاتىدا، ناتونىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ياردىمىنى كۆپەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى. دوكلاتتا، ئى ش ئى د نىڭ پەقەت ئىراق، سۈرىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپادىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى؛ تەشكىلاتنىڭ ھەممە ئۈچۈن خەۋپسىزلىك تەھدىتى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر