خىتاي ئۇنىۋېرستېتلاردا چەت ئەل كىتابلىرىنى چەكلىدى

خىتاي ئۇنىۋېرستېتلىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋە سوتسىيالىزمنى مەسخىرە قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

202872
خىتاي ئۇنىۋېرستېتلاردا چەت ئەل كىتابلىرىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئۇنىۋېرستېتلىرىدا غەرب قىممەت قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلارنىڭ ئوقۇتۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى گېزىتى، ئۇنىۋېرستېتلاردا چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلگەن كىتابلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ياشلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان كىتابلارنىڭ ئوقۇتۇلۇشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرىن چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلگەن كىتابلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى ۋە ئۇنىۋېرستېتلاردا غەربنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2014 – يىلى دېكابىر ئېيىدا بەزى ئۇنىۋېرستېت ۋە مەكتەپلەردە خىتاي مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلەش چەكلەنگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر