ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى كۈچەيتەمدۇ؟

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زورىيىۋاتقان ئۇرۇش ئوتى بىريۇسسېلنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

201773
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنى كۈچەيتەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زورىيىۋاتقان ئۇرۇش ئوتى بىريۇسسېلنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىسى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە جىددىي يىغىن چاقىردى.

رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان يىغىنغا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىنمۇ ئىشتىراك قىلدى. كلىمكىننىڭ بىريۇسسېلدىكى تۇنجى بېكىتى ناتو قارارگاھى بولدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىمكىن دۆلىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ناتوغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتىنبېرگدىن «رۇسىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش» نى تەلەپ قىلدى.

ستولتىنبېرگ يەنە بىر قېتىم رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرنى ئەسكىرىي جەھەتتە قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ياۋروپا – ئاتلانتىك ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ستولتىنبېرگ، مىنسك كېلىشىمىنى چۆرىدەيدىغان ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر