موسكۋادا سۈرىيە يىغىنى ئېچىلدى

رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا باشلانغان سۈرىيە مۇزاكىرە يىغىنىدا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىرلىككە كېلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

201201
موسكۋادا سۈرىيە يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە مەملىكەتلىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى باشلىقى مەھمۇت مەرى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنى رەتكە تىزدى:
يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق رايونلارغا يەتكۈزۈلىشى؛ تۇتۇلغانلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى؛ ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى؛ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن 1 - جەنۋە يىغىنىنىڭ ئاساس قىلىنىشى؛ «نورماللاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ دۆلەتنى كىرىزىستىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكى؛ ھەربىي كۈچنىڭ پەقەت سۈرىيە ئارمىيەسىدىلا بولۇشى.
دېموكراتىك ئۆزگىرىش مۇساپىسى ھەققىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەرى، كەلگۈسىدىكى سۈرىيە دۆلىتىنىڭ «خەلقچىل، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىدىغان، مىللەت ۋە مەزھەپ ئايرىمچىلىقى قىلمايدىغان، قانۇن ئالدىدا بارلىق پۇقرالار باراۋەر ھەق – ھوقۇققا ئىگە بولىدىغان بىر دۆلەت» بولۇپ قۇرۇلۇشى جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سىرتنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشىنىڭ كىرىزىسنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورلۇققا قارشى بىر سەپ بولغانلىقلىرىنى ۋە بارلىق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇچرىشىش ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشىغا، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى قىيىن مۇساپىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىشتىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تەرەپلەرنى مۇرەسسە قىلىشقا چاقىردى ۋە جەنۋە يىغىنىغا زىيان سالىدىغان سىرتنىڭ ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
موسكۋادا 26 – يانۋار باشلانغان، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسى قاتناشمىغان ئۇچرىشىشلاردا، قوزغىلاڭچىلار ئاۋال ئۆزئارا، ئارقىدىن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ب د ت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدە ھۆكۈمەت بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا 2011 – يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلاردا 191 مىڭ 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر