خىتايدا سېرىق سىگنال ئېلان قىلىندى

شەنشى، خېنەن، خۇبېي، ئەنخۇي ۋە جىياڭسۇ قاتارلىق رايونلاردا خەلقنىڭ تالاغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

199993
خىتايدا سېرىق سىگنال ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدا قار بورىنى ۋە شىددەتلىك قار ئاپىتى تۈپەيلى سېرىق سىگنال ئېلان قىلىندى.
قار بورىنى ۋە شىددەتلىك قار ئاپىتىنىڭ شەنشى، خېنەن، خۇبېي ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىن باشقا يەنە، جىياڭسۇ ئۆلكىسىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ رايونلاردا خەلقنىڭ تالاغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
خىتاينىڭ ھاۋا رايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى، كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ھېسابلىنىدىغان قىزىل رەڭلىك سىگنالدىن ئىبارەت 4 دەرىجىلىك سىگنالدىن تەشكىل تاپىدۇ.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر