7 مىڭغا يېقىن يەزىدىي پاناھلىنىش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، HDP باتمان پارلامېنت ئەزاسى ئايلا ئاقات ئاتانىڭ تۈركىيەدىكى يەزىدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك يازما سوئالىغا جاۋاب بەردى.
198703
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش، 2015 – يىلى 8 – يانۋار كۈنى ئېتىبارى بىلەن 6 مىڭ 994 يەزىدىينىڭ پاناھلىنىش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىكى يەزىدىيلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەقسىتىدە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ماردىننىڭ مىديات ۋە نۇسايبىن ناھىيەلىرىدىكى ۋاقىتلىق پاناشلىنىش مەركەزلىرىدە 20 مىڭ كىشىلىك مۇئەسسەسە بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، «پاناھلىنىش مەركەزلىرىدە كۈندىلىك ھايات، ئىبادەت، سەھىيە، مائارىپ ۋە ئاممىۋى ئېھتىياجلار قامدالماقتا» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.