مىسىردىكى ۋەقەلەردە كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى

مىسىردا ھۆسنى مۇبارەك تۈزۈمىگە خاتىمە بەرگەن قوزغىلاڭنىڭ تۆتىنچى يىلىنى خاتىرىلەش كۈنىدە يەنە قان تۆكۈلدى.

197178
مىسىردىكى ۋەقەلەردە كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت قاھىرەدە 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ پايتەخت قاھىرەنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتتى؛ مۇداخىلە ئەسناسىدا 9 نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قاھىرەدىكى باشقا توقۇنۇشلاردا 2 ساقچى بىلەن 2 نامايىشچى، ئىسكەندەرىيەدىكى نامايىشلاردا 1 نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پايتەختتە يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ۋەقەدە يەنە 2 كىشى يۇقىرى بېسىملىق توك يولىغا ئورۇنلاشتۇرغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۆلدى.

مىسىر مىقياسىدا 230 مىڭ ئەتراپىدا ساقچى ۋە ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتىدى.

مىسى ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ ئەرەب دۆلىتى بولۇپ، 2011- يىلى باشلانغان نامايىشلار دۆلەتنى 30 يىل بويىچە تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرغان ھۆسنى مۇبارەكنى ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغان، ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا مۇھەممەد مۇرسى رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار غەلىبە قىلغانىدى.

مىسىرنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى 2013- يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر