يەمەندە شئەلەر ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنى قورشىۋالدى

يەمەندە شئەلەر زور ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

196831
يەمەندە شئەلەر ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنى قورشىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.
شىئە ھۇسىلەر پايتەخت سانئادىكى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقىنى قورشىۋالدى. ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە پىرېزىدېنېت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئەھمەد ئاۋاد بىن مۇبارەكنىڭ 17-يانۋاردا گۆرۈگە ئېلىنىشى نەتىجىسىدە كەسكىنلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەت، ھۇسىلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىق سارىيى بىلەن ھادىنىڭ سىتتىن كوچىسىدىكى قونالغۇسى قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى. ئارقىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى.
بۇنىڭغا قارىتا خالىد مەھفۇز باھھاھ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت «ھۇسى ھەرىكىتىنىڭ ھاكىمىيەتكە قول تىقىش بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى كۈنى ئىستېپانامىسىنى پىرېزىدېنت ھادىغا بەردى.
ھادىمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىستېپا بەردى، پارلامېنت باشلىقى يەھيا ئەلى ئەر راي بولسا ھادىنىڭ ئىستېپانامىسىنى رەت قىلىپ، پارلامېنتنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر