پاپا دىئالوگ ئورنىتىشتا ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

پاپا فىانسىس دىئالوگ ئورنىتىشتا ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

196630
پاپا دىئالوگ ئورنىتىشتا ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا فىرانسىس: «ئىسلام بىلەن خىرىستىيانلىق ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار ھوشيار بولۇشى كېرەك»دېدى.
كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانى رەھبىرى پاپا فىرانسىس ئىسلام بىلەن خىرىستىيانلىق ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ئورنىتىشنىڭ زور سەبىر ۋە كەمتەرلىك تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاپا فىرانسىس پاپالىققا قاراشلىق ئەرەب ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، كېيىنكى كۈنلەردە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
«ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم» دېگەن پاپا، بۇنىڭغا پەقەت كاتولىكلارنىڭلا ئەمەس، مۇسۇلمان ئالىملارنىڭمۇ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
پاپا فىرانسىس: «ھەر قانداق بىر زوراۋانلىق قىلمىشىنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بايلىقنى ۋە خىلمۇ خىللىقنى قوبۇل قىلىشتۇر» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر