بېرلىندا تۆت تەرەپ يىغىنى ئېچىلدى

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى يىغىندا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى.

193653
بېرلىندا تۆت تەرەپ يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋولتېر ستېيىنمېرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 21 – يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تەرەپلەر 2014 – يىلى مىنسىكتە قوبۇل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش چېگرا سىزىقىنى ئوخشاش قوبۇل قىلدى. تەرەپلەر ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئۇرۇش توختىتىش چېگرا سىزىقىدىن 15 كىلومېتىر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. تەرەپلەر يەنە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى (AGİT) تەشكىللىگەن «ئۇكرائىنا ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئاخىرقى ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىغا چېكىنىشى ھەققىدىكى كۈچلۈك تەلەپنىڭ، يىغىننىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېرلىندا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ تۈنۈگۈن (21 – يانۋار) رايون ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن توپلاندى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان جەمئىي 28 قېتىم توپلاندى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامانسا پوۋېر رۇسىيەنى ئەيىبلىدى. ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ «تىنچلىق پىلانى» نىڭ ئەسلىدە «ئىشغال پىلانى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ رۇسىيەنىڭ بۇ پىلان ئارقىلىق «رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۆلگۈنچىلەرنىڭ رۇسىيە قوراللىرى ئارقىلىق زېمىن ئىگەللىشىنى ۋە باشقا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى» قانۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندا، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى.
رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالى چۇركىن، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئېشىشىغا ئۇكرائىنا جاۋابكار، دەپ ئەيىبلىدى.
ياۋروپا تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغەرىنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن كۆرۈشتى. جون كېررىي ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن يېڭى توقۇنۇشلارغا، «رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئوپئوچۇق ھەقسىز ھالدا زېمىن ئىگەللىشى» دەپ باھا بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر