7 ئايلىق ئاسارەت ئاخىرلاشتى
نىگېرىيەدە بوكو ھارام مىلىتانلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن 7 ئاي ئىلگىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان گېرمانىيەلىك نىتسچ ئېبېرھارد قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.
194235
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرۇن پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئېبېرھاردنىڭ كامېرۇن كۈچلىرىنىڭ «دوست دۆلەتلەر» نىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئېبېرھاردنىڭ گېرمانىيەنىڭ يائۇندې باش ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بىراق ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئېبېرھارد 2014 – يىلى ئىيۇلدا نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.