چاۋۇشئوغلۇ قاتار باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

چاۋۇشئوغلۇ قاتار باش مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن ناسىر ئەلسانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

191692
چاۋۇشئوغلۇ قاتار باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا زىيارەتتە بولماقتا.
چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئەرەب باھارىدىن كېيىنكى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ.
چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن باش مىنىستىر شەيخ ئابدۇللاھ بىن ناسىر ئەلسانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، كېيىنچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييەھ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
چاۋۇشئوغلۇنىڭ قاتاردىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش، سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن باشلانغان باسقۇچ قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ ئارىلىقتا، ئەرەب باھارىدىن كېيىن رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۈركىيە بىلەن قاتار، مىسىردا سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇھەممەد مۇرسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان سىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتاتتى. بىراق قاتار كېيىنچە مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا باشلىغانىدى.
ئەنقەرە بۇنىڭ تۈركىيە – قاتار مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «دوست دۆلەتلەرنىڭ 3 – ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» دېگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر