ھىندۇلار 3 مۇسۇلماننى كۆيدۈرۈۋەتتى
ھىندىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىھار ئۆلكىسىدە ھىندۇلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، يېزا ئاھالىسىدىن 3 كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار ئۆلكىنىڭ پايتەختى پۇتنانىڭ 105 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان ئەزىزپۇر يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ 19 ياشلىق بىر ھىندۇ ياشنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلىشىدىن كېيىن باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ھىندۇ ياشنىڭ بىر ھەپتىنىڭ مابەينىدە ئىز – دېرىكى ئېلىنالمىغانىدى.
ھىندۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلبىلىرىگە ئوت قويۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئۈچ كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىپ، 8 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۆلكە مەسئۇللىرى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۈچ مۇسۇلماننىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا سەككىز مىڭ دوللاردىن تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستاننىڭ 1 مىليارد 200 مىليون نوپۇسىنىڭ %80 ىنى ھىندۇلار، %13 ىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.