مالاۋىدا سەل ئاپىتى يۈز بەردى
ئافرىقا دۆلىتى مالاۋىدا ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 176 گە يەتتى.
187416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەل ئاپىتىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەر قوشنا دۆلەت مۇزامبىككە كەتكەن، ئۆي – ماكانسىز قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مالاۋى پىرېزىدېنتى پېتېر مۇتھارىكا سەل ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان مانگوچى رايونىنى زىيارەت قىلدى.
مۇتھارىكا سەل ئاپىتى تۈپەيلى دۆلىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719195128)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.