ئامېرىكا دائىرىلىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ 12 – يانۋار سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

186059
ئامېرىكا دائىرىلىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەرەپكە ۋاكالىتەن ئالاھىدە قىسىم قوماندانى گېنېرال مىشېل ناگاتا ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دانىيال رابىنسىتىن قاتناشقان بولۇپ، كۆرۈشۈش ئىككى كۈن داۋاملاشقان. سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. كۆرۈشۈشتە يەنە، تەلىم – تەربىيە ۋە قوراللاندۇرۇش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسى بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.
ئامېرىكا كونگرەسى ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ لايىھەلەر رامكىسىدا تەلەپ قىلغان خامچوتنى 2014 – يىلى دېكابىر ئېيىدا تەستىقلىغان ئىدى. تەييارلىقلار نورمال داۋام قىلغان تەقدىردە تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىنىڭ باھار پەسلىنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا باشلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ لايىھە بويىچە بىر يىلدا تۈركىيەدە 2 مىڭ، ئىيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 5 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەش پىلان قىلىندى. ئۈچ يىلنىڭ ئاخىرىدا تەربىيەلەنگەن ئادەم سانىنى 15 مىڭغا چىقىرىش نىشان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر