CBC:چارلى ھېبدو خاتا قىلدى، بىز ئۇ رەسىملەرنى تارقاتمايمىز

كانادانىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ،CBC «چارلى ھېبدو» ژۇرنىلىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ھەجۋىي رەسىملىرىنى تارقاتمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

186271
CBC:چارلى ھېبدو خاتا قىلدى، بىز ئۇ رەسىملەرنى تارقاتمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، «ئەگەر ئىسلام، پەيغەمبىرىنىڭ رەسىمىنىڭ سىزىلىشىنى مەنئى قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرمىز. چارلى ھېبدۇ بۇ جەھەتتە ئىغۋاگەرلىك قىلدى» دېيىلدى ۋە مەزكۇر ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشسىمۇ، بىر دىنغا مەنسۇپ كىشىلەرنى رەنجىدە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەجۋىي رەسىملەرنى كۆرمەي تۇرۇپ باھا بېرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە دائىر قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان تېلېۋىزىيە قانىلى مەسئۇللىرى، ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭمۇ ئىغۋاگەرلىك قىلىش ئۈچۈن يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر