بۇ قېتىم خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

خوڭكوڭ پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى سايلام قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سېرىق رەڭلىك كۈنلۈك ئاچتى.

185229
بۇ قېتىم خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مۇداخىلىسىگە قارشى باشلانغان «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى 2017- يىلىدىكى سايلاملارنىڭ ئەركىن ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى. دېموكراتىيە تەرەپدارى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزاسى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى لياڭ چۈنيىڭ سۆز قىلىۋاتقاندا سۆزلىگۈچى سۇپىسىغا باستۇرۇپ باردى. 

سېرىق كۈنلۈكلەر ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان ھالەتتە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى «بىزگە دۇنياۋى بېلەت تاشلاش ھوقۇقى» دەپ شوئار توۋلىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

پارلامېنتنىڭ سىرتىدىمۇ كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالغان كۆپ ساندا كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشلارنى ئەيىبلىگەن لياڭ چۈنيىڭ خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن تولۇق مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى ۋە قانۇننىڭ روھى بويىچىمۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ دۆلەتتە قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر