ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (سېنتكوم) نىڭ تۋىتتېر ۋە يۇتىيۇب ھېساباتلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر ئادرېسلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىلكىگە كىرگۈزۈۋالغان تور ھۇجۇمچىلىرى ئى ش ئى د نى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. تور ھۇجۇمىدىن كېيىن تۋىتتېر شىركىتى، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھېساباتىنى تاقىۋەتتى. ‹تور خەلىپىلىكى› ناملىق ھۇجۇمچى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۋىتتېر ھېساباتى ئارقىلىق «تور خەلىپىلىكى ئاراڭلاردا، كومپىيوتېرىڭلارنىڭ ئىچىدە، بارلىق ھەربىي بازىلىرىڭلاردا تۇرماقتا» دەپ ئۇچۇر يوللىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئى ش ئى د قا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتىمەكتە.
مەزكۇر تور ھۇجۇمچىلىرى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسى تاقىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر ئادرېس ئارقىلىق خىتاي ھەربىي رايونلىرىغا دائىر ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئۇچۇرلىرى بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئورتاقلاشقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.