تالىبان بىر ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى

ئافغانىستان تالىبان مىلىتانلىرى سەنگى تودە رايونىدا بىر ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.

180516
تالىبان بىر ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارى پول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كازىم كەنئان بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ سەنگى تودە رايونىدا پىستىرما قۇرۇپ سەنچاراك ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم بەگنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كەنئاننىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇمچىلار ۋەقەدىن كېيىن باشقا ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزمەستىن نەق مەيداندىن قاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تالىبان بولسا، ساقچىلار بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىر ئاپتوموبىل بىلەن بىر دانە ئاپتوماتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى مەزگىللەردە تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ۋەقە پەيدا قىلىش سانىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلمەكتە. ئافغانىستان ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىمۇ بۇ خىل ھۇجۇملارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر