پاكىستاندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

180467
پاكىستاندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ تاق يۆنىلىشلىك يولغا قارشى تەرەپتىن كىرگەن بىر ماي توشۇش ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 57 ئادەم ئۆلدى.

ئاپتوبۇس پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتتى. ساقچىلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

ئۆتكەن نويابىر ئېيىدىمۇ بىر ئاپتوبۇسنىڭ كۆمۈر قاچىلانغان بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 57 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر