نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورى داۋاملاشماقتا

دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باگا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۈزلەرچە كىشىنى قەتلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

178440
 نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورى داۋاملاشماقتا

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدى بىلەن بىر ھەربىي بازىغا كېيىنچە يېزىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شەھەرنى دېگۈدەك ۋەيران قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
يېزىنىڭ تامامەن ۋەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شاھىتلار، ھۇجۇمدا يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
10 مىڭ نوپۇسلۇق باگادا ئاساسىي جەھەتتىن ھېچ پۇقرا قالمىغان بولۇپ، كوچىلار جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن، قېچىپ كەتكەنلەر بولسا يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتمىغان.
ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن باگادىن قاچقان بىر قىسىم كىشىلەر بولسا چاد دەرياسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا غەرق بولۇپ كەتكەن.
دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ئىشتاتتا تەسىرى كۈچلۈك بولغان بوكو ھارام 2009 – يىلدىن بېرى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر