مودىبو كىتتا مالىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

مالى پىرېزىدېنتى ئەبۇ بەكىر كىتتانىڭ مودىبو كىتتانى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

179300
مودىبو كىتتا مالىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىغا يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلەندى.
مودىبو كىتتا مالىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى.
پىرېزىدېنتلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈنۈگۈن ۋەزىپسىدىن ئىستېپا بەرگەن باش مىنىستىر مۇسسا مارانىڭ ئورنىغا پىرېزىدېنت ئەبۇ بەكىر كىتتانىڭ مودىبو كىتتانى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەزىپسىدىن ئىستېپا بەرگەن باش مىنىستىر مۇسسا مارا 2014 – يىلىدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.
يېڭىدىن باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن كىتتا بولسا، 2002 – يىلى 3 ئاي باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر