مىسىردا سايلام تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى

مىسىردا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 2012 – يىلى 14 – ئىيۇن كۈنى پارلامېنتنى بىكار قىلىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.

178439
مىسىردا سايلام تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالى سايلام كومىتېتى، باسقۇچمۇ – باسقۇچ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سايلاملارنىڭ 21 – مارتتىن 7 –مايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سايلاملار پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى 2013 – يىلى 3 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن جاكارلىغان يول خەرىتىسىنىڭ ئۈچىنچى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
نۇرغۇنلىغان پېنسىيونېر قوماندانلار بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سايلاملاردا نامزات بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر سايلاملاردىن كېيىن دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر