سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراق – سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىدا ئوق چىقىرىش تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

171854
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئارار شەھىرى شەھىرى ئەتراپىدا چارلاۋاتقان ئەسكەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى. ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى 2014 – يىل ئىيۇل ئېيىدا ئارار شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىپ، ئىراقتىن كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھۇجۇملارغا قارىتا تەييارلىققا ئۆتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر