شىمالىي كورىيە ئېمبارگو سەۋەبلىك ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

شىمالىي كورىيە ئېمبارگو سەۋەبلىك ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ بايانات بەردى.

170936
شىمالىي كورىيە ئېمبارگو سەۋەبلىك ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرى.
قارارنى دۈشمەنلىك دەپ تەرىپلىگەن شىمالىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، بۇنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ھاكىمىيىتى سونى شىركىتىگە قىلىنغان سىبەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، بۇ ھۇجۇمنى قوللىغان شىمالىي كورىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.
شىمالىي كورىيە ئارمىيەسى ئىستىخبارات باشقارمىسى بولۇپ 3 ئورگان ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورال-ياراغ پىروگراممىغا قاتناشقان 10 كىشى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئېمبارگولار بۇ ئورگان ۋە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا مالىيە سىستېمىسى ئىچىدە ئىش قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. سونى شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم، شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە شىمالىي كورىيە دۆلەت رەئىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى تېما قىلغان بىر كومىدىيە فىلمىنىڭ بازارغا  سېلىنىشىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنىدى.
شىمالىي كورىيە شىركەتنى فىلىمنى تارقاتماسلىق بىلەن تەھدىت سالغان، بىراق پىرېزىدېنت باراك ئوباما فىلىمنىڭ قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى. شىمالىي كورىيە سونىغا قىلىنغان سىبەر ھۇجۇمنى قوللىغانلىقىغا دائىرلار قاراشلارنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر