ئامېرىكا ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا ئامىيەسى، سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى نىشان قىلىپ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

164941
ئامېرىكا ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىغا قارشى سومالىنىڭ ساكوۋ شەھىرى ئەتراپىدا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرى، ھۇجۇمدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ چىققانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر