جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى

جەنۇبىي كورېيە ئالدىمىزدىكى ئايدا شىمالىي كورېيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەكلىپ قىلدى.

163722
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكلىپتە، ئىككى تەرەپنىڭ كورېيە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئائىلىلەر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرگە دائىر ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرى مىنىستىرى يۇ كىل جېي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇ كىل جېي، «شىمالىي كورېيەنىڭ تەكلىپىمىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر