كولۇمبىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ۋەقەدە ئۇچقۇچى بىلەن 6 يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

160757
كولۇمبىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى سانتاندېر رايونىدا يۈز بەردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئايروپىلان بۇجارامانگادىن مالاگايغا كېتىۋاتقاندا ئۇچقۇچى مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىنلا جىددىي قونۇش ئۈچۈن يۆنىلىشىنى تەكرار بۇجارامانگا قاراتقان، ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايروپىلان چۈشۈن كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدىن 7 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر