تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى
ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەردىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى.
159241
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش نىشان قىلىنغان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنستكتە چاقىرىلدى.
مۇزاكىرىلەرگە ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى جاكارلاندى ھەمدە كېيىنكى مۇزاكىرىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى بىر يەرگە جەم بولغان گۇرۇپپا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىمگە ھەمىشە خىلاپلىق قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.