ياپونىيە يەنە شىنزۇ ئابىنى سايلىدى

ياپونىيە پارلامېنتى 14 – دېكابىردىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان شىنزۇ ئابىنى باش ۋەزىزلىككە سايلىدى.

159032
ياپونىيە يەنە شىنزۇ ئابىنى سايلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە يەنە شىنزۇ ئابىنى سايلىدى.
ياپونىيە پارلامېنتى 14 – دېكابىردىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان شىنزۇ ئابىنى باش ۋەزىزلىككە سايلىدى.
ياپونىيە تۆۋەن قانات پارلامېنتى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 475 پارلامېنت ئەزاسىدىن 328 ئەزانىڭ قوللىشىنى قولغان كەلتۈرگەن شىنزۇ ئابى بۈگۈن مىنىستىرلار كابېنتىنى ئېلان قىلىدۇ.
شىنزۇ ئابىنىڭ منىستىرلار كابېنىدا پەقەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىلا ئۆزگەرتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
شىنزۇ ئابى باش ۋەزىزلىك ۋەزىپىسنى 2012 – يىلى باشلىغان بولۇپ، دۆلەت خىراجىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇل باستۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. بۇ سىياسەت دەسلەپكى باسقۇچتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ياپونىيە ئىقتىسادىي يەنە ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان ئىدى.
شىنزۇ ئابى خەلق ئارىسىدا «ئابىنومى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.
شىنزۇ ئابى سايلام سەپەرۋەرلىكى مەزگىلىدە ئايرىمچىلىققا قارشى قانۇن - بەلگلىمىلەرنى تىخىمۇ چىڭىتقاندىن باشقا يەنە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى بەلىگلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئايللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يارىدەمچى بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
شىنزۇ ئابى يەنە، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ تەھدىت ئاستىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كوللېكتىپ قانۇنلۇق مۇداپىئە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكىمۇ ۋەدە بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر