ئى ش ئى د غا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلىنماقتا

ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنماقتا.

158667
ئى ش ئى د غا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنجاردا ئى ش ئى د قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلىغان شىمالىي ئىراق كۈرت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 400 ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتى مەسۇت بارزانى، پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق قوراللىق قىسىملىرى) لەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشى نەتىجىسىدە، ئى ش ئى د نىڭ سىنجاردىكى مۇھىم جايلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئى ش ئى د قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ «ئاين ئەل ئاراپ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان كوبانىدىنمۇ چېكىنىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئى ش ئى د تۈنۈگۈن (23 – دېكابىر) قوغلاپ چىقىرىلغان كوچىلارنى مىنامىيوتلار بىلەن توپقا تۇتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ جەرياندا، ئى ش ئى د سۈرىيەنىڭ راككا شەھىرى ئەتراپىدا بىرلەشمە قىسىمنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىنى ئەسىر ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئى ش ئى د قۇتۇلۇپ قالغان ۋە ئىيوردانىيەلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچقۇچىنىڭ فوتوگرافلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر