ئافغانىستان – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلاندى

ناۋاز شەرىف پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چاقىرغان يىغىندا سۆز قىلىپ، «دۆلىتىمىز زېمىنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.

159040
ئافغانىستان – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان – پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر باشلاندى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ھەر ئىككى دۆلەت زېمىنىنى قارشى كۈچلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق قارارى ماقۇللىدى.
ناۋاز شەرىف پارلامېنتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن چاقىرغان يىغىندا سۆز قىلىپ، «دۆلىتىمىز زېمىنلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قارشى ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز» دېدى.
ناۋاز شەرىف ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋر باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى پاكىستاندىكى زىيارىىتى جەريانىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يېڭى بىر باپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىمىز لازىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى ھەمدە تېررولۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە كەسكىن قارار ئېلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
يىغىندا پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جۇدىرى نىسار ئەلىخانمۇ سۆز قىلىپ، ساقچىلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن كېرەكلىك دەرىجىدە تەربىيە كۆرمىگەنلىكىنى، شۇڭا تېررورلۇققا قارشى 5 مىڭ كىشىلىك ئالاھىدە قىسىم قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
چۇدىرى نىسار ئەلىخان شىمالىي ۋەزىرىستاندا داۋاملىشىۋاتقان تالىبان مېلىتانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن 10 مىڭ ئەسكەرنى تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئارمىيە باش قوماندانى گنېرال راھىل شەرىفتىن باشقا يەنە ھەربىي ۋە خەلق ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان يىغىندا تېررولۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن دۆلەتلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر