ئەردوغان تۇنىس پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئەل باجى قائىد ئەسسىبسىنى تېلېفون ئارقىلىق تەبرىكلىدى.
156597
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تۇنىستا دېموكراتىيەنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىنىڭ پۈتكۈل رايونغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەسسىبسىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى. ئەسسىبسىمۇ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تۇنىس – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسى باسقۇچتىمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.