سىسى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
157686
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئەسسىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.
سىسىنىڭ زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇلدى. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك قارارى بويىچە، سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 10 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن 20 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى نىشان قىلماقتا.
سىسىنىڭ خىتاي زىيارىتى ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.