پەشمەرگە بىلەن «ئى ش ئى د» ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقت

ئىراقنىڭ سىنجار ناھىيەسى شۇھەدا ۋە نۇر مەھەللىسىنى مەركەز قىلغان توقۇنۇشتا نۇرغۇن ساندا پەشمەرگە ئەسكەرلىرى ئۆلدى.

156392
پەشمەرگە بىلەن «ئى ش ئى د» ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنجاردا پەشمەرگە قىسىملىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د» ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ئىراقنىڭ سىنجار ناھىيەسى شۇھەدا ۋە نۇر مەھەللىسىنى مەركەز قىلغان توقۇنۇشتا نۇرغۇن ساندا پەشمەرگە ئەسكەرلىرى ئۆلدى.
سىنجار ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى «ئى ش ئى د»نىڭ كونتىروللۇقىدىن تارتىپ ئېلىندى. ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسۇد بارزانى سىنجار ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدى ۋە يۈرتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن مىڭلىغان كىشىنىڭ مىنا تازىلاش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ناھىيەگە قايتىپ كەلسە بولىدىانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق ئارمىيەسىمۇ ئەنبار ۋىلايىتىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەفا ناھىيەسىنى «ئى ش ئى د»نىڭ كونتىرۇللۇقىدىن تارتىپ ئالدى.
تىكرىتنىڭ جەنۇبىدىن 100 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى يەسرىپ ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايون ۋە تىرۇلغۇ يەرلەرمۇ «ئى ش ئى د»دىن قايتۇرۇپ ئېلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىلىرى ئورۇن ئالغان سەلاھىددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەيجى ناھىيەسىنىڭ كونتىرۇللىقىنى «ئى ش ئى د» قايتىدىن يەنە ئالقىنىغا كرىگۈزۈۋالدى. بۇ جەرياندا «ئى ش ئى د» ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان نۇرغۇن ساندا بىرونۇۋىكلارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ۋە ئونلىغان ئىراق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر