مىسىر ئارمىيەسى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى ۋە ئەششرەقىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 19 كىشى ئۆلتۈرۈپ، 45 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

155756
مىسىر ئارمىيەسى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
مىسىر ئارمىيەسىنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى ۋە ئەششرەقىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 19 كىشى ئۆلتۈرۈپ، 45 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى نىل دېلتاسىغا جايلاشقان ئەششەرقىيە شەھىرىدە تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەنسار يەيتۇل مۇقەددەس تەشكىلاتى مېلېتانلىرىنى قاتتىق كۆزەتكەندىن كېيىن تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 5 مېلىتان ئۆلدى ۋە 1 مۇئاۋىن پالكاۋنىك يارىدار بولدى» دېيىلدى.
مىسىر ئارمىيەسىنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، سىنا يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 14 كىشىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە 45 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
شىمالىي سىنادا 24 – ئۆكتەبىردە ئىككى ھەربىي پونكىتقا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئونلىغان مىسىر ئەسكىرى ئۆلۈپ، يەنە نۇرغۇن ساندا ئەسكەرلەر يارىدار بولغان ۋە شۇنىڭ بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتى رايوندا 3 ئايغىچە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر