سۈرىيە باش مىنىستىرى ئىرانغا يېتىپ باردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ پەقەت دىيالوگ ۋە ئىچكى سىياسەت مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

151536
سۈرىيە باش مىنىستىرى ئىرانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە باش مىنىستىرى ھەلكى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا.
ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى سۈرىيە باش مىنىستىرى ھەلكى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ پەقەت دىيالوگ ۋە ئىچكى سىياسەت مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
رۇھانى ئىراننىڭ ئارزۇسى سۈرىيەدە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى شۇنداقلا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچلارنىڭ بالدۇرراق ۋەتەنلىرىگە قايتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىران بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە، قاتناش، كان ئىشلىرى ۋە يىزا ئېگىلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە باش مىنىستىرى ۋائىل نادىر ئەل ھەلكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئىراننىڭ يېقىندىن ياردەمچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر