خىتايدا ئوت ئاپىتى: 11 ئادەم ئۆلدى
خىتايدا بىر KARAOK ناخشا ئېيتىش زالىغا ئوت كېتىپ 11 ئادەم ئۆلدى، 24 ئادەم يارىلاندى.
148764
![خىتايدا ئوت ئاپىتى: 11 ئادەم ئۆلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/TSR Haber/Mart_14/31__ispanya_yangın.jpg?time=1719184833)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭيۈەن شەھىرىدىكى بىر KARAOK ناخشا ئېيتىش زالىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە دەسلەپتە 35 ئادەم يارىلانغان، ئەمما دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان يارىدارلاردىن 11 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن.
ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719184834)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.