ئافغانىستاندا 3 نەپەر جۇندۇللاھ تەشكىلاتى ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغاىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىدە ئەسكەرلەر جۇندۇللاھ تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

147575
ئافغانىستاندا 3 نەپەر جۇندۇللاھ تەشكىلاتى ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاندا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان تەشكىلاتلارغا ئېغىر زەربە بېرىلمەكتە.
ئافغاىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋىلايىتىدە ئەسكەرلەر جۇندۇللاھ تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
باغلان ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئەھمەت جاۋىد بەشارەت ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە تەشكىلاتنىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى 3 ئەزاسىنىڭ بولسا، ساق - سالامەت قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت جاۋىد بەشارەت ئۆلگەنلەردىن بىرسىنىڭ تەشكلاتنىڭ ئادەم بومبا ياساس مۇتەخەسسىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مېلېتانلارنىڭ 13 كۈن ئىلگىرى بۇركادا بىر جىنازە مۇراسىمى جەريانىدا ئادەم بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.
جاۋىد بەشارەت تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ ئېغىر زەربە يېگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە جۇندۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ يېقىنىقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىدا تېررولۇق پائىلىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
باغلاننىڭ بۇركا ناھىيەسىدە 13 كۈن ئىلگىرى بىر جىنازە مۇراسىمى ئەسناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
تاھھارنىڭ ئەشقامىش ناھىيەسىدىمۇ 2 ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا جۇندۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مۇللاھ شەمسۇددىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر