پەلەستىنلىك مىنىستىر ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەھشىيانە تاياق زەربىسى نەتىجىسىدە شېھىد بولغان پەلەستىنلىك مىنىستىر زىياد ئەبۇ ئەيىن ئون مىڭلارچە كىشى تەرىپىدىن باقىي دۇنياغا ئۇزىتىپ قويۇلدى.

146105
 پەلەستىنلىك مىنىستىر ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىنازا مۇراسىمىغا باش مىنىستىر رامى ھەمدۇللاھ، ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق مەسئۇللىرى قاتناشتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى پەلەستىنلىك مىنىستىرنىڭ ۋەھشىيانە تاياق زەربىسى ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىغا كۆرە، ئەبۇ ئەين، قورقۇنچلۇق تاياق زەربىسى، دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىشىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇخسەت قىلماسلىقى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر