مىسىر پىرېزىدېنتى ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، تۈنۈگۈن رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى.

146109
مىسىر پىرېزىدېنتى ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، پايتەخت ئامماندا پادىشاھ ئابدۇللاھ تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان سىسى بىلەن پادىشاھ ئابدۇللاھ، قالايمىقانچىلىقلارغا مىللىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ئىككى رەھبەر، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق توختالغاندا، ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن سىياسىي چارە باسقۇچىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر