خىتاي ئىسىرائىلىيەگە چاقىرىق قىلدى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك مىنىستىر زىياد ئەبۇ ئايىن ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى چاقىرىق قىلدى.

146113
خىتاي ئىسىرائىلىيەگە چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك مىنىستىر ئەبۇ ئايىننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى باشلىشى كېرەكىلكىنى ئېيتتى. ئۇ مىنىستىرنىڭ ئۆلۈمىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
پەلەستىندە مىنىستىر سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ئايرىۋېتىش تېمىغا قارشى كۈرەش قىلىش كومىتېتى باشلىقى ئەبۇ ئايىن راماللاھنىڭ شىمالىدىكى تۇرمۇساييە بازىرىدا، ىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە قارشى نامايىش قىلغان گۇرۇپپىغا توسقۇنلۇق قىلىشى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ياش ئاققۇزۇش بومبىسىغا دۇچ كەلگەن ئەبۇ ئايىننىڭ، «ئىسىرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن» ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر